تۈركىيە، سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى يەنە كۈچەيتتى

سۈرىيىدە توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە، تۈركىيە دۈشەنبە كۈنى سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر، برونېۋىك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىلىرىنى يۆتكەپ، ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى سۈرىيىگە قارشى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ئۆتكەنكى بىر نەچچە ھەپتىلىك كەسكىن توقۇنۇشلاردا سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، بۇلارنىڭ بىر قىسمى كۇرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا، سۈرىيىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىر قىسىم رايونلىرى جىھادچىلار ۋە چەتئەلدىن كەلگەن پىدائىيلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن.

تۈركىيە ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ ئىسكەندەرۇن رايونىغا جايلاشقان ھەرىكەتچان باشقۇرۇلىدىغان بوم قويۇپ بېرىش سۇپىسى نۆۋەتتە سۈرىيىگە يېقىن ئىشاھىيە يېزىسىغا يۆتكەلگەن.

بۈگۈن سۈرىيىنىڭ ئالېپپو شەھىرىدە قوزغىلاڭچىلار بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدا كەسكىن جەڭ بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوزغىلاڭچىلار شەھىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنى ئىگىلىدى.

سۈرىيىدە 10 نەچچە ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 20 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى مەلۇم.