تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى

چارشەنبە كۈنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش خەلق سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىشتا 7 تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.

ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇللاھ گۈل بۇ كېلىشىملەرنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيىگە ھازىرقى 60 مىليون دوللاردىنمۇ كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تۈركىيىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيىتقان.

خەۋەردىن قارىغاندا يەنە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارىدىغانلىقى سورالغاندا ئابدۇللاھ گۈل":بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى خىتاي بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ بىزنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچتىن بىشارەت بېرىدۇ،" دەپ جاۋاب بەرگەن.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغان بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 24 ‏ - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئۇ، بېيجىڭ، شىئەن، شېنجىن قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىمۇ زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.