بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ

دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىندا نامراتلىق، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە پاكىستاندىكى سەل ئاپىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا 140 دۆلەت رەھبىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. رەھبەرلەر، ئەسىر تەرەققىيات نىشانى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئورتاق قاتنىشىدۇ.

2000 - يىلىدىكى ئەسر تەرەققىيات يىغىنىدا 8 تۈرلۈك چوڭ تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلگەن ئىدى. بېكىتىلگەن نىشانلار، دۇنيادىكى نامراتلىقنى يېرىم ھەسسە ئازايتىش، 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزىنى كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەزىلەر يۇقىرىدىكى نىشانلارغا يېتىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكى مۇن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، "ئەلۋەتتە بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلارمۇ بار، ئەمما بۇ، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى يول كۆرسەتكۈچ" دېگەن.