ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغان سەرگەردان ئۆسمۈر بالىلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى 22‏-ئاۋغۇست رەسمىي ئىش باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.23

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە «ئۆسمۈر بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا 88 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 16 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى مەزكۇر ئورۇندا 500 كارىۋات تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەگەر خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكى بۇ ئۇچۇر توغرا بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىقسا، بۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ سەرگەردان بالىلارنى ۋاقىتلىق يىغىۋالىدىغان ياكى ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەربىيىلەش ئورنى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان سەرگەردان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئۇلارنى بېقىش، تەربىيىلەپ كېتىشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر بالىلارنى ئالداپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ، ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قاتارلىق ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە سالىدىغان ئەھۋال، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ساراسىمغا سالىدىغان زور ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، خىتاي جەمئىيىتىمۇ بىئارام قىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى باشلىغان. دائىرىلەر، نېمە ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇيغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى بەزلەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كۆزلەپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.