جەيمىس مكگوۋەرن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى نامايىشىغا ئۇيغۇرلار سەۋەبچى دەپ ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.03
2009.08.03
ئۇ ماقالىسىدە 25 - ئىيۇل ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، "خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توپىلاڭ ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلار زىددىيەتلىك" ناملىق ماقالىدە، ئۈرۈمچى نامايىشىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئوخشاش سالماقتا ئەيىبلەنگەنلىكىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: "بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىشنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇرلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل ياتقان رابىيە قادىر خانىمغا قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن."
مكگوۋەرن ئەپەندى ماقالىسىدە، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى دەلىل - ئىسپات توپلاش ئۈچۈن 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ بالىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتايدا يولۇقىدىغان قىسمەتنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
25 - ئىيۇل ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۈرۈمچىدە ئەركىن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مكگوۋەرن ئەپەندى:" ئەگەر خىتاي شۇنداق مەرد بولسا، نېمىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ" دەپ سوئال قويغان.
مكگوۋەرن ئەپەندى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا " ئەگەر بايانلاردا ئوخشىماسلىق بار دېيىلسە سىزنىڭ ئاخباراتىڭىزدا بار" دېگەن ھەمدە 25 - ئىيۇل ئېلان قىلىنغان "خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توپىلاڭ ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلار زىددىيەتلىك" ناملىق ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەرنى رەت قىلغان.