تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى چارۋىچىلىق نازارىتى شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە ئۆلگەن چارۋىنىڭ 100 مىڭ تۇياقتىن ئاشقانلىقىنى، 3 مىليون 700 مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، 800 مىڭ تۇياق قوي خەشەك يېتىشمەي ئاچ قالغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خوتەن رايونىدا ئۇدا بەش يىل قۇرغاقچىلىق يۇ بەرگەن بولۇپ، بۇ يىللىق قۇرغاقچىلىق يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئېغىر بولغان.
2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىلغا قەدەر خوتەندە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان يەر كۆلىمى 19 مىليون 300 مىڭ مودىن ئېشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋا 800 20 تۇياققا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 95 مىڭغا يەتكەن.
خوتەن دىيارى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ھەر يىلى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ تارىم دەريا سۈيىنى ئىگىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر رايون ئېكولوگىيىسىدە كېلىپ چىققان بىنورماللىق بۇ خىل ئاپەت دەرىجىسىنى بارغانچە ئېغىرلاشتۇرماقتا.