خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە شەپە بەردى
2012.10.24
بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى جوۋ يۈنكاڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.
جوۋ يۈنكاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىمۇ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشكە ئىشلىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
«خەلق» تورىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، جوۋ يۈنكاڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىق «ئۇچ خىل كۈچلەر» نى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، بۇل خىل خىزمەتلەردە يېزا-قىشلاق ۋە كەنت-مەھەللىلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك.
جوۋنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق نامىدىكى باستۇرۇش سالمىقى يەنە ئاشۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ بىرقەدەر كۆپەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.