خۇانېڭ گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.08
2010.06.08
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خۇانېڭ گۇرۇھى ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە شەرقى جۇڭغار ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئېنېرگىيە بازىلىرىدا كۆمۈر، توك ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى.
خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ باشلىقى مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنى تەرىپلەپ، بۇ پىلان شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەش، شىنجاڭنىڭ گېزىنى سىرتقا يۆتكەش ئىستراتېگىيسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۈزۈلگەنلىكى يەنى شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئەمما، يىللاردىن بېرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر رايوندىكى مىللىي زىددىيەتلەر بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، رايونغا سېلىنغان ھەرقانداق بىر مەبلەغنىڭ ھەر ۋاقىت تەھدىت ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى، رايوندىكى زور ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەر ۋاقىت رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.
خۇانېڭ گۇرۇھى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر كارخانا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقى جۇڭغار ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئېنېرگىيە بازىسىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقچى.