خىتاي ئۇيغۇر ئىماملارنى بۇ جۈمە خۇتبىسىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە بۇيرۇدى

ئەتە 7‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنىدىكى جۈمە نامىزى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى بىلەن ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.30

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مەسچىتلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەسچىت ئىماملىرىدىن جۈمە خۇتبىسىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ خۇتبە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 1‏-ئىيۇلدىكى جۈمە نامىزىدا پارتىيە سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ خۇتبە ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ئىماملارنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىكى» نى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەدھىيە خۇتبىسى ئوقۇشنى رەت قىلغانلارنىڭ ئىماملىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەمۇرى ۋە قانۇنى چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سورۇنلارنى سىياسىي تەشۋىقات مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرىدىن ھەر جۈمە خۇتبىلىرىدە ۋە ھېيت نامازلىرىدا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى كۈيلەشنى تەلەپ قىلىشى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تەلەپلىرىنىڭ بىرى. لېكىن بۇ جۈمەنىڭ پارتىيە قۇرۇلغان 1‏-ئىيۇل بىلەن ئوخشاش كۈنگە توغرا كېلىپ قېلىشى ۋە بۇنىڭغا ئاتاپ خۇتبە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشى تۇنجى قېقىملىقتۇر.

خىتاي دائىرىلىرى 7‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە خېلىدىن بېرى تەييارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.