خىتاي ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى 3 - قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى 3 - قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە نۇرمەمەت مەمەتئىمىن، ئابدۇقېيۇم قۇربان، پارۇق تۇرسۇن، تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا، نۇرمەمەت رىشىت، مەمەتئىمىن نۇرمەمەت قاتارلىق 6 كىشىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ، بۇلار ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.04.06

باياناتتا يەنە بۇلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تېررورلۇق تەربىيىسى كۆرگەنلىكى، بارلىق مال - بىساتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا يەنە ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، چەت دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارنى بايقىغان ھامان قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما باياناتتا ئۇلارنىڭ ھازىر قايسى جايدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭمۇ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ بىرىنچى قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكى 2003 - يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ؛ ئۇنىڭدا ھەسەن مەخسۇم ۋە مەمتىمىن ھەزرەت قاتارلىق 11 شەخس ۋە 4 تەشكىلات تىلغا ئېلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق تىزىملىكىدە بولسا مەمتىمىن مەمەت قاتارلىق يەتتە كىشى ئۇستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ھەم مۇستەقىل كۆزەتكۇچىلەرنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، داۋاملىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدەك رىئال ئەمەلىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.