دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن قايتقان بىر توپ ئۇيغۇر مەسچىت ئالدىدا توپلانغان. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇ نامازخانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تىركىشىش يۈز بېرىپ، 4 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ۋە قەيەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قايسى تارمىقى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنى چەكلىگەن. غۇلجا قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا برونېۋىك ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، خەلقنىڭ يىغىلىش، ئىبادەت ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.