ئۇيغۇربىز توربېتى 9-قېتىم قايتا ئېچىلدى، يەنە بىر ئۇيغۇر توربېتى تاقالدى
2010.12.29
تور بەت بىر ئاينىڭ ئالدىدا، نامەلۇم ھاككېر ھۇجۇملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىدا تاقىلىپ قالغان. توربەت بۈگۈن رەسمىي ئېچىلىپ مۇلازىمىتىنى قايتىدىن باشلىدى. ئۇيغۇربىز توربېتى "5 -ئىيۇل" نىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ ئاز دېگەندە 8 قېتىم تاقىۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقىسى 9-قېتىم قايتا ئېچىلىشىدۇر.
توربەت تېخنىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ توربەت چەتئەلدە راۋان ئېچىلىدۇ؛ ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توسىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش يولى بىلەن توربەتنى كۆرۈش مۇمكىن. توربەتنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلەر سەھىپىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى " شىنجاڭ سىنىپى" ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان " دەۋر" تورىمۇ ئىككى كۈندىن بېرى تاقىلىپ قالغان. مەزكۇر توربەت 2007 -يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 5 -ئىيۇلدىن كېيىن ئامان قالغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر توربەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ توربەت ئاساسلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئۇچۇر-ئالاقە مۇلازىمىتىنى قىلىپ كەلگەن؛ پەقەت ئايرىم ئەھۋاللاردا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە گۇمانلىرىنى بايان قىلىپ كەلگەن. دەۋر تورىنىڭ تاقىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى خالىمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.