ۋاڭ لىچۈەن ئۈرۈمچىدە ' 30 يىللىق ئىسلاھات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى' ئاچقان

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋاڭ لىچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەممە ئادەمنى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىپلا قالماي، بەلكى ئۈرۈمچىدە يەنە 'ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى' ئاچقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ كۆرگەزمىگە 'ئوتتۇز يىل ئىچىدە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن چەكسىز زور ئۆزگىرىش'لەرنى كۆرسىتىدىغان فوتو رەسىم، ھۆسنىخەت، كىتاب قاتارلىق 500 ئەسەر قويۇلغان. بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋاڭ لىچۈەن ئۆزى قاتناشقان ۋە ھەممە كىشىنى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە چاقىرغان.

ھازىر خەلقئارادا مەشھۇر زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىدى.

ھەتتا خىتايدا چىقىدىغان 'مالىيە گېزىتى'نىڭ 12 ‏ - دېكابىر سانىدىمۇ، خىتاي - ياۋروپا سودا ئىنىستوتىنىڭ پروفېسسورى شۈ شاۋنيەننىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغانلىقى، يېقىندىن بۇيان دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس چەتئەل مەبلەغلىرىگە تايىنىپ خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلىغان ئىقتىسادىي مودېلنىڭ يولىنى تاقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورى بايان قىلىنغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت