خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋاڭ لېچۇەننى ئاغدۇرۇش شۇئارىنى قوللىماقتا

دۆلەت سىرتىدىكى مەشھۇر خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن گۇ باۋشېڭ، خۇ پىڭ، ياڭ جەنلى، تاڭ بوچاۋ قاتارلىق كىشىلەر تۈنۈگۈن، ھەممە مىللەت بىردەك ھەرىكەتلىنىپ، ۋاڭ لېچۇەننى ئاغدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تەشەببۇسچىلارنىڭ سېپىدە شىنجاڭدىكى ھەربىيلەرمۇ بار.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ تەشەببۇسنامىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان 'رەڭلىك ئىنقىلاپ'لارنىڭ يېڭى شەكلى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان 'پارتلاتقۇچ پىلتىسى'. بۇ ھەرىكەتتە ۋاڭ لېچۇەننى ئاغدۇرۇش خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى پارچىلاشنىڭ ھازىرقى شارائىتتىكى مۇھىم بىر باسقۇچى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىدىن، ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى يېقىلىۋاتىدۇ، بۇ، گەرچە خەلق خىتايدا بىركىمنى سايلاپ چىقالمىسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى بەلگىلىۋالغان ئەمەلدارلارنى يىقىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈزىنى ساقلاش قېلىش ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىتىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەربىيلەرنىڭمۇ ۋاڭ لېچۇەننى ئاغدۇرۇشقا قاتناشقانلىقى خىتايلارنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغىنىغا 60 يىل بولغاندا 'يانار تاغ' لارنىڭ ئۈستىدە قالدى، ۋاڭ لېچۇەننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقاندىكى ئىچكى زىددىيىتىنىڭ تەسۋىرى.