ۋېنگرىيە دالاي لاماغا بۇداپېشت شەھىرىنىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتى بەردى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىگە زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا بۇداپېشت شەھىرىنىڭ پەخرى پۇقرالىق شەرىپى بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-09-19
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇداپېشت شەھىرىنىڭ باشلىقى گابور دېمسىزكىي شەنبە كۈنى دالاي لاماغا مەزكۇر پەخرىي پۇقرالىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، بۇ قارار 26 - ئاۋغۇست كۈنى بۇداپېشت پارلامېنتىدا ماقۇللانغان.

دالاي لاما بۇداپېشتتا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە نۇتۇق سۆزلەشنى پىلان قىلغان بولۇپ، 20 - چېسلا ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ تىبەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋېنگرىيە پارلامېنتىدا ۋە بۇداپېشت ئوتتۇرا ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

دالاي لاما ئىلگىرى - كېيىن ياۋروپادىكى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ پەخرىي پۇقرالىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى چىققان بولسىمۇ، بىراق كۈچكە ئىگە بولالمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت