تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن ئۆكتىچى يالغان ئىسىم بىلەن ۋەتىنىگە قايتتى

1989 - يىلىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ۋۇ رېنخۇا يېقىندا ئامېرىكا پاسپورتى بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ، ئۆز يۇرتىدىكى ئانىسىنى يوقلاپ، خىتايدا ئىككى تەرەپ تۇرغاندىن كېيىن لوس - ئانجېلسقا قايتىپ كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.13


ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن داڭلىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋۇ رېنخۇانىڭ خىتايغا بېرىپ كېلىشى كۆپ تەسىر قوزغىغان. ۋۇ رېنخۇا ئۆزىنىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن خىتايغا بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا پاسپورتىغا ئىنگلىزچە ئىسىم ئىشلەتكەن، خىتاي چېگرىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن خىتايچە ئىسىم تەلەپ قىلغاندا يالغان ئىسىم قوللانغان ھەمدە چېگرىدىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان.

تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت ئالدىنقى يىلى يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا خىتاي رۇخسەت قىلمىغان، چەتئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋەتىنىگە قايتىش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە قانۇنلۇق قايتىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.