ئوباما نىيورىكتىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما نيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەل -قائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادېن ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن قوشماق بىنالارنىڭ خارابىلىكى بولغان «نۆل نوختىسى«دا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇراسىمغا شۇ كۈنى قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ۋە ئاۋام خەلق بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى نيوركتىكى زىيارىتى جەريانىدا 11-سېنتەبىردىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، باراك ئوباما ئۇلارغا قىلغان سۆزىدە «ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنياغا شۇنداقلا خەلقىمىزگە بىر سىگنال بەردى، بىز بەرگەن قەسىمىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز»دېدى.

ئەمما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇراسىم جەريانىدا بۇ ھەقتە نۇتۇق سۆزلىمىگەن بولۇپ، ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ئوباما بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىدىن ئېھتىيات قىلغانلىقىدىن بۇ ھەقتە سۆز قىلمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىن لادېن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىسلامى دەپنە قائىدىلەرنىڭ ئورۇندالغانلىقى ۋە ئارقىدىن لادېننىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلانغانلىقىنى، ئەمما رەسىملەرنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پاكىستان دائىرىلىرى بىن لادېننىڭ تۇرغان ئورۇننى نېمىشقا پاكىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى تاپالمىغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان. پاكىستان دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا بەرگەن بايانىدا ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىن بىسوراق بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇندىن كېيىن بۇنداق بىر ئەھۋال تەكرارلانغان ھالەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.