خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى

26 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۆزىنىڭ 2009 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.09.26

خىتاينىڭ شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "جۇڭگونىڭ 2009 - يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە ساھەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ كۈچەيتىلىپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە زور ياخشىلىنىش بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
 
دوكلاتتا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭمۇ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. پۈتۈنلەي ئۆزىنى ماختاش بىلەن تولغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
 
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون بۇ دوكلاتتا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ راستچىللىق بىلەن باھالانمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارالىق ۋە ئىچكى قانۇنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
 
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.