خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن تېنىۋالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ 2012 - يىللىق تېررورلۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن تېنىۋالدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.04


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى «2012 - يىللىق تېررورلۇق ۋەزىيىتى دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، يۇقىرىقى دوكلات ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى خو خەنمىن: بىز ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، پەقەت تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارنىلا جازالاۋاتىمىز، دېدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا تېررورلۇق ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ قارشى پىكىردىكى كىشىلەر ۋە ئۆز قارىشىنى تىنچ يوسۇندا ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى، قورال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇشنى نىشان قىلغان كىشىلەر بىلەن پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى پەقەت ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 20 ئۇيغۇرنىمۇ «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.