خىتاي بىڭتۈەن ئارمىيىسى ئاشكارا ھالدا مىللەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 ‏ - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئىككى ئاچا ‏ - سىڭىلنىڭ پاختا تېرىپ تاپقان 15 مىڭ يۈەننى ئېلىپ يۇرتىغا خۇشال قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىل 9 ‏ - ئايدا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يېزا ‏ئىگىلىك 6 ‏ - دېۋىزىيىسى مەسئۇل بولۇپ ئويۇشتۇرغان پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتناشقان گەنسۇلۇق ئىككى خىتاي ئاچا ‏ - سىڭىلنىڭ كۈنىگە 100 كىلوگرامدىن پاختا تېرىپ، جەمئىي 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يۇرتىدا يېڭى ئۆي سېلىپ ئاتا ‏ - ئانىسى بىلەن خۇشال ياشاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىستانسىمىزغا مەزكۈر خەۋەر ھەققىدە ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئىزچىل تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەمگەكچى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ يول كىراسى، يېمەك ‏ - ئىچمەك ۋە ئۆي كىراسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۇل تېپىشىغا ئالاھىدە ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بولسا بۇ خىل ئىمكانىيەتكە ھېچقاچان يېقىن كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مىللەتچىلىك سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق بىر دەلىل ‏ - ئىسپاتى دېيىشتى.

خەۋەردە يەنە تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يىل گەنسۇ، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەم سانىنىڭ 750 مىڭغا يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە 1 مىليارد 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.