خىتاي تىبەتتە دالاي لاماغا ئەگەشكەنلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتكە قويغان ئەمەلدارى چېن چۇەنگو بۈگۈن تىبەت پارتكوم يىغىندا، دالاي لاماغا ئەگەشكەن، دالاي لامادىن ئۈمىد كۈتۈپ خام خىيالدا بولۇۋاتقان كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتكە تەيىنلىگەن بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى بۈگۈن پارتكوم يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن تىبەتتە ئىدىيە جەھەتتە خۇ جىنتاۋ بىلەن بىردەك بولۇش، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە چۇقۇم كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىالىستىك خىتاي مەدەنىيىتىكە تىبەتنىڭ پۈتۈن يېزا - كەنتلىرىنى ئىگەللىتىش، بىرمىليون ئىككى يۈز مىڭ كۋادېرات كىلومېتىرلىق تىبەت زېمىنىدا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنپ تۇرۇش، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ۋە دالاي لامانىڭ ئاۋازىنى پەقەت ئاڭلانماسلىق دېگەن شۇئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.