خىتاي دېھقانلىرى خەينىڭ شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خەينىڭ شەھىرىدىكى خۇڭشوۋ يېزىسىغا جايلاشقان جېجاڭ كرىستال تېخنىكىسى ۋە ئېنېرگىيە شىركىتى يەكشەنبە كۈنى يەرلىك دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 500 دىن ئارتۇق دېھقان مەزكۇر شىركەتنىڭ زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ بۇلغىنىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر زاۋۇت پلاستىنكا، باتارېيە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارماق شىركەتلىرى بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 16-سېنتەبىر كۈنى بىر تورداش مەزكۇر زاۋۇتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىپ، بۇلغانغان سۇلارنى سىرتقا قويۇۋېتىشى تۈپەيلىدىن بۇنىڭ ھەر خىل ئېغىر كېسەللەرنى، ھەتتا راك پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇ يېزىدىكى پۇقرالارنىڭ سلائامەتلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان.

چۈنكى، 3000 ئەتراپىدىكى يېزا پۇقراسىنىڭ ئىچىدە 31 ئادەمدە راك كېسىلى بايقالغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن يېزا پۇقرالىرى زاۋۇتتىن بۇلغىنىشنى توختىتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق زاۋۇتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئۆز نارازىلىقلىرىنى قاتتىق ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدىمۇ بۇلغىنىشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈزبەرگەن ئىدى.