خىتاي بېيجىڭلىق قانۇن ھىمايىچىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرىۋېلىشىغا يول قويمىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭلىق ئاتاقلىق قانۇن ھىمايىچىسى، ئادۋوكات لىخېپىڭنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن " ياۋروپا ئادۋوكاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى"نى تاپشۇرىۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.30

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لىخېپىڭ 27 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدىكى خەلقئارا ئايرودرومىدىن بىريۇسېلغا سەپەر قىلىپ، ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋېلىشقا تەييارلانغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئالدىدا تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى سورىغاندا، تەكشۈرگۈچى خادىملارنى سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن، كېيىن بۇنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لى خېپىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نارازىلىق ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا بەرگەن چېگرىدىن چىقىش ۋە كىرىش ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك پۇقرالىق ھوقۇققا قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

لى خېپىڭ بۇ قېتىم يەنە پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشنى پىلان قىلغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭلىق ئەيدىز ھىمايىچىسى، ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جايمۇ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ساخاروف مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىدى. بىراق ئۇمۇ مۇكاپات بېرىلگەندە تۈرمىدە بولغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.