قاتناش قازاسى مەيدانىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى تەبەسسۇم بىلەن قوبۇل قىلغان خىتاي ئەمەلدارى ئەيىبلەندى
2012.08.28
خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 36 ئادەم قازا قىلغان ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەمەلدار شەنشى ئۆلكىلىك قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، خىتاي تورداشلىرى يەنە بۇ ئەمەلدارنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا، قولىدىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەرنى ئالماشتۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتلەرنىمۇ تور بېكىتىگە يوللىغان.
سۈرەت ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا چىرىكلەشكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىر مال-دۇنيا توپلاش، بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر توپ پارازىتلارغا ئايلانغانلىقى ئەيىبلەنگەن. سىنا تور بېكىتىدىكى بىر ئىنكاستا «ھازىرخەلقىمىز دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلدارلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. مانا مۇشۇنداق ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇسىنى يوقاتقان مەخلۇقلار خەلقنىڭ ئىلىكىنى شورىماقتا» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.