خىتايدا 'گۇجيې تورى' ئىشقا چۈشتى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.28
2010.01.28
بۇ تور بەت، ئامېرىكىنىڭ گوگۇل شىركىتى خىتاي ئەگەر ئىنتېرنېتكە بولغان قاماللىقنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان تەقدىردە خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بىر كۈن كېيىن يەنى 14 - يانۋار كۈنى ئىشقا كىرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايدا ئۇلىنىش چەكلەنگەن "يۇتۇب" تورىغا ئاساسەن دوراپ ياساپ چىقىلغان "يۇتۇب س ن" تورىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر قانداق بىر نەرسىنى دوراپ ياسايدىغان خىتايدا بۇنىڭغا ئوخشاش تونۇلغان تور بەتلەرنىڭ دوراپ ياسىلىشى تېخى تۇنجى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
گوگۇل شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ كۆچۈرمە تور بەتلەر ھەققىدە ھازىرچە باشقا ئىپادە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ تور بەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەر ئىككىلا كۆچۈرمە تور بېتى نورمال خىزمەت بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بۇ تور بەتلەر ھەققىدە ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن ياكى ئۇلارغا قارىتا بىر تەدبىر قوللانمىغان.