خىتاي دائىرىلىرى گۇيجۇ ئۆلكىسىدە تەرتىپ ئورنىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.13
2011.08.13
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر خىتاي ساقچىنىڭ ماشىنىسىنى خاتا توختىتىپ قويغان بىر شوپۇرنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەنشى ناھىيىسىدە ساقچىلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
كېيىن يۇقىرىقى جېدەل تېرىغان ساقچىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش خادىمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، پەيشەنبە كۈنى باشلانغان نامايىش تېزلىكتە كېڭەيگەن ۋە نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ بىر نەچچە ماشىنىسىغا ئوت قويۇۋەتكەن، نامايىش 24 سائەت داۋام قىلغان.
10 دىن ئارتۇق ساقچى يارىلانغان. نامايىشچىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنمىغان.