خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇش مەشىقى ئۆتكۈزدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى تۈنۈگۈندىن باشلاپ خەينەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا 'چىرماشقان ئەجدىھار' بەلگىلىك ئۇرۇش مەشىقى ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ مەشىقتە خىتاينىڭ 1800 ئەسكىرى، ئۇرۇشچى تىك ئۇچار، مىنا تازىلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى ھۇجۇم پاراخوت، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان پاراخوت، سۇدىمۇ - قۇرۇقلۇقتىمۇ ھۇجۇم قىلىدىغان تانكىلار بىلەن ئىستىھكاملارغا ھۇجۇم قىلىش، قۇرۇقلۇققا چىقىشنى مەشق قىلىشقا باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئۇرۇش مەشىقى، دەل ۋېيتنام قاتارلىق ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەر بۇ رايوندىكى تاقىم ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان جايدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللار مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن ماجىراسى بار دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق.

خىتاي ھازىر ئۇرۇش مەشىقى ئۆتكۈزۈۋاتقان جايدا، 1988‏ - يىلى خىتاي قىسىملىرى بىلەن ۋېيتنام قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋېيتنام تەرەپ، توقۇنۇشتا ۋېيتنام پاراخوتى چۆكتۈرۈلگەن، 70 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ قانچىلىك چىقىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى.