خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى ياساپ چىققان ئاۋىئاماتكىغا قونۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنى يېڭى ياساپ چىققان ئاۋىئاماتكىغا قونۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇنى دەلىللەشنى رەت قىلغان.

خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە مەشىق ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، ھەربىي ئايروپىلانلار ئاۋىئاماتكىغا يېقىنلىشىش، قونۇش ۋە تېزلىك بىلەن يەنە كۆتۈرۈلۈشنى مەشىق قىلىدىكەن.

خىتاي مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنى چارشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چىقارغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتايلار بۇنىڭ پەقەت مەشىق ۋە تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي دائىرىلەر مەشىق ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان.