خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن سودا قىلغان خىتاي شىركىتىنى جازالىغانلىقىغا نارازى بولدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن سودا قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا قوللانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.01.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىڭ ئۆز باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل جازا قوللىنىشىغا نىسبەتەن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىران بىلەن نېفىت خىمىيە سانائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھە بويىچە سودا قىلىپ، ئىراننى چەككىلەنگەن نېفىت - خىمىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگەن «جۇخەي جېنروڭ شىركىتى»گە ئېمبارگو قويغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى خىتاي شىركىتىدىن باشقا يەنە ئىككى چەتئەل شىركىتىگىمۇ ئېمبارگو قوللانغان ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئېمبارگوسىنى ئاساسسىز ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئائىت قارارىنىڭ مەزمۇنلىرىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.