خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13 - ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلغان ۋە ئامېرىكا تەرەپنى سوغۇق ئۇرۇش روھىي ھالىتىدە بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما چاۋشۈ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكلىرىگە ئېرىشەلەيدىغان ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاقە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ دېلۇننىڭ 2004 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ۋە تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مەخپىي ھۈججەتلىرىنى خىتاي جاسۇسىغا ساتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا بۇنداق سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى روھىي ھالەتنى ئىشلىتىپ جۇڭگوغا بولغان ئىسپاتىسز ئەيىبلەشلەرنى توختىتىشى كېرەك، دېگەن.

ئۇ يەنە، "بىز ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۆز ‏ - ئارا ئىشەنچ ئىچىدە تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېگەن.

ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ جاسۇسلۇق دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گو تەيشىڭ، فاڭ دېلۇن ۋە كاڭ يۈشىن قاتارلىق ئۈچ كىشىگە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 16 يىللىق، بەش يىللىق ۋە بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

گەرچە كاڭ يۈشىن ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان ئىدى.