خىتاي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈنۈگۈن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئوبامانىڭ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا "قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە "بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر" دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈينىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇي تيەنكەي ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمەننى چاقىرتىپ،" ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا ئازار بەردى شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالدى" دېگەن.

پرېزىدېنت ئوباما تۈنۈگۈن دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىپ، دالاي لامانىڭ "ئوتتۇرا يولى"، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما بولسا ئوبامانىڭ تىبەت خەلقىغە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈي بولسا، "تىبەت جۇڭگونىڭ تالاش - تارتىش قىلىشقا بولمايدىغان ئايرىلماس بىر قىسىمى، تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر" دەپ تەكىتلىگەن.

دالاي لاما تۈنۈگۈن پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون بىلەنمۇ ئۇچراشقان ئىدى. خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان تۈنۈگۈنكى پائالىيەت توغرىسىدىكى باياناتىدا، بۇ ئۇچرىشىشلار "تىبەت مەسىلىسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ" دېگەن.