خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىياسىي ئىسلاھات تەلەپلىرى يۈكسەلدى، ئۇيغۇر ئېلىدە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش كۇرسى باشلاندى
2013.01.17
قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشكە ھەرقايسى جايلاردىكى نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ۋە ناھىيىلەرنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، سۆز قىلىپ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، سانائەتلىشىشى، پەن-تېخنىكىلىشى، بېيىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىقنىڭ نېگىزى دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان مىللىي تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىش، ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بولسا تىلغا ئالمىغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش خىيالىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، 18-قۇرۇلتاي ئاياغلاشقىنىغا خېلى بولغاندا ۋە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ھەدەپ پارتىيىنى سىياسىي ئىسلاھاتقا چاقىرىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى پائالىيەت-ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ قالغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ كۇرسنىڭ ئېچىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.