خوڭكوڭدىكى خىتاي دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ، ۋەقەنىڭ خىتاي ساقچىلىرى نەنجىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، دۈشەنبە كۈنى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوچىدا نامايىش قىلىپ، قاتناشنى توسۇۋالغانلىقىنى، ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 30 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېگەن": ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 30 ئوقۇغۇچى يارىلاندى، بىر ساقچى ئاپتوموبىلى چېقىۋېتىلدى". خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، نامايىش سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن 5 كىشى قولغا ئېلىنغان.
بۇ ۋەقە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاش ھەققىدىكى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى.
چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەنجىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى جايلاشقان جياڭنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا ، ۋەقەنىڭ ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئادەم يارىلانغانلىقىنى رەت قىلغان. جياڭنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدا "بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشماي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىككى ئوقۇغۇچىنى ياللاپ ئېلىپ ماڭدى، دەپ ئويلاپ قېلىپ توپلىنىۋالغان"لىقىنى تەكىتلىگەن.