2010‏ - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تۇغۇت چەكلەشتە ئەڭ چوڭ نەتىجە قازىنىدىغان يىل بولىدىكەن

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' ‏1 - ئاينىڭ 25 كۈنى بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2009‏ - يىلىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كابىنتىنىڭ نوپۇس مەسىلىسنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش قارارىغا ئاساسەن، 'ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش' دېگەن نام بىلەن تۇغۇت چەكەلەش ئۈچۈن 32 مىليون يۇەن ئاجرىتىپ، يېزا دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىن 123 ىنى قۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-27
Share

ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 63 مىليون يۇەن ئاجرىتىپ، تۇغۇت چەكلەش پونكىتلىرى ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئەسلىھە سېتىۋېلىپ تەقسىملەپ بەرگەن ۋە 974 خىزمەتچى كۆپەيتكەن (بۇنىڭ 50% ى مەخسۇس سەپلەنگەن 'تېخنىكا خادىملىرى' ئىكەن.) شۇنداقلا يەنە، ئاپتونوم رايون بۇيىچە، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى نامرات جايلاردىكى 11 مىليون 670 مىڭ نوپۇسنىڭ تۇغۇت ئۇچۇرلىرى تىزىملىككە ئېلىنىپ، ئۇچۇر ئىسكىلاتى بەرپا قىلىنغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى 21‏ - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، 2009‏ - يىلى 12 ‏ - ئاينىڭ 31 ‏ - كۈنىگە قەدەر 'شىنجاڭ نوپۇسى 21 مىليون 586 مىڭ 300 گە يەتتى، يىللىق تۇغۇلۇش نېسبىتى 15.99%، ئۆلۈش نېسبىتى %5.43، تەبىئىي كۆپىيىش 10.56% . بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 12 مىليون 944 مىڭ 800، تۇغۇلۇش نېسبىتى 2.0% دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، 2010‏ - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدىغان ۋە ناھايىتى چوڭ نەتىجە قازىنىلىدىغان يىل بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.