خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار بۇيۇملىرى لاياقەتسىز بولماقتا

" 1 - ئىيۇن " خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا،خىتايدىكى بالىلار بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتايدا ئىشلىگەن بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ يېرىمى لاياقەتسىز بولۇپ چىققان. 
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.05.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 48% بولغان. خىتاينىڭ سىچۈەن، جېجياڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ 30% بولغان.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار بۇيۇملىرى خەلقئارا لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى ئۇچۇن ئالدىنقى 2 يىلدا دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار كىيىملىرى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى چەكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، نەتىجىدە خىتايدىكى نۇرغۇن بالىلار بۇيۇملىرى كارخانىلىرى تاقالغان ئىدى.

خىتاي دۇنيادا ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتلارنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، خىتايدىكى كارخانا خوجايىنلىرى پەقەت پۇل تېپىشنىلا نىشان قىلغىنى ئۇچۇن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان دۆلەت دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولۇپ،. خىتايدا ھەتتا ئىنساننىڭ ھاياتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەھسۇلاتلارمۇ ئۆلچەمسىز، بۇلتۇر خىتايدا يۈز بەرگەن " بالىلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش مەسىلىسى "، " ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش " ھەم " لاياقەتسىز ھايۋانات يېمەكلىكلىرى " قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سودا ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈپ،خەلقئارادا خىتاي مەسئۇلىيەتسىز دۆلەت دەپ قارىلىپ،، خىتاي ماللىرىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت