ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقىدىكى بالىلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان بەزگەك كېسىلىنى داۋالاپ تۈگىتىشنىڭ مۇمكىن بولماسلىقىغىمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ساختا بەزگەك كېسىلى دورىلىرى سەۋەب بولغان. تانزانىيە ۋە ئۇگاندا دۇنيادىكى بەزگەك كېسىلى ئەڭ كۆپ تارقالغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشى چوقۇم خىتايدىن ياكى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كىرگەن ساختا دورىلارنى ئىشلىتىپ باققان بولۇپ، ساختا دورىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئېكىسپورت قىلغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساختا دورا مەسىلىسدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرغان.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چىنيۈ خەلقارالىق سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى ئاساسسىز، دەپ رەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئافرىقا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ سەھىيە - سالامەتلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.