خىتاي تاماكىلىرىدا يۇقىرى مىقداردا قوغۇشۇن بايقالغان
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.07
2010.10.07
ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، خىتاي تاماكىلىرىدا ئادەم سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان قوغۇشۇن، ئارسېن قاتارلىق ماددىلارنىڭ مقىدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان تاماكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى چىققان.
تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي تاماكىلىرىدا بايقالغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەركىبىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشى خىتايدىكى تاماكا چەككۈچىلەر ۋە خىتاي تاماكىلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى چەككۈچىلەر ئۈچۈن جىددىي بىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدا 320 مىليوندىن ئارتۇق تاماكا ئىستىمالچىسى بار بولۇپ، ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. خىتايدىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي ھەم شۇنداقلا دۇنيادىكى ئاساسلىق تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى خىتايدا 2 تىرليون تالدىن ئارتۇق تاماكا ئىشلەپچىقىرىلغان.