تەيۋەن، تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئاۋۋال خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى يۆتكىۋىتىشنى تەلەپ قىلدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۈگۈن، خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە گەپ باشلاشتىن ئاۋۋال، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياكى يۆتكەپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ ئەگەر بۇنداق بولمىسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ نۆەتتىكى ئىلگىرىلىشىدە ئاستىلاش بولىدىغانلىقىنى ۋە 109 مىليارد دوللارلىق تىجارەتنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتىرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما يىڭجۇ بۇ سۆزلىرىنى بۈگۈن، بىر گۇرۇپپا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا بايان قىلغان.

ما يىڭجۇ، تەيۋەن تەۋەلىكىدىن 160 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي ياكى يۆتكىۋىتىلمەي تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىق سۈھبىتى مۇزاكىرىسى ھەققىدە ھېچقانداق قەدەم باسمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ما يىڭجۇ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىزچىل بېيجىڭ بىلەن يېقىنلىشىش پوزىتسىيسى تۇتۇپ كەلگەن. ما يىڭجيۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى بېيجىڭغا قارىتا ئەڭ قاتتىق تەلەپپۇزى ھېسابلىنىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، ما يىڭجۇنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى بۇ يىل ئاخىرىدا تەيۋەندە ئۆتكۈزىلىدىغان ۋىلايەت سايلاملىرىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن دەپ قاراشماقتا. ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سايلاملاردىكى رەقىبى دېموكىراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى بولۇپ، ئۇ خىتايغا قارشى كەسكىن ۋە ئېنىق مەيدانى بىلەن تونۇلغان.