تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاي پاسپورتىنىلا كۆتۈرۈپ ساياھەتكە كەلگەن 38 كىشىنى چېگرىدىن كىرگۈزمىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.22
2009.04.22
تەيبېي ئۇچۇر ۋاستىرىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4 - ئايىنىڭ 18 - كۈنى، خىتاينىڭ فۇجەن ھاۋا قاتنىشى شىركىتىنىڭ پەنياڭ ئايرودرومىدىن ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خىتاي پاسپورتىنىلا كۆتۈرۈپ تەيۋەنگە ساياھەتكە كەلگەن 38 نەپەر خىتاي پۇقراسى، گەرچە 'بىز جۇڭگولۇق' دەپ داۋراڭ سېلىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇنداق كىشىلەرنى، تەيۋەننىڭ سوڭسەن ئايرودرومىدىكى دۆلەت بوسۇغىسىدىن ئەمەس، ھەتتا ئايروپىلاندىنمۇ چىققىلى قويماي ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تەيۋەن دائىرىلىرى يولۇچىلارنى ۋىزىسىز ھالدا ئايروپىلانغا چىقارغان خىتاينىڭ پەنياڭ ھاۋا قاتنىشى شىركىتىگە بىر مىليون سەككىز يۈز ئەللىك مىڭ يۇئەن جەرىمانە قويغان. گەرچە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما گېپىنى ئاققۇزالمىغان.