خىتاي ئۈرۈمچىدە 718 ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر ئايلىق ھارپىسىدا،يەنى 4 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 718 نەپىرىنى جىنايى ئىشلار بويىچە رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۇنداقلا ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى چېن جۇئاڭۋېي، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، جىنايەت گۇماندارلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشكە، مۇرەككەپ سالاھىيەتلەرگە ئىگە، نۆۋەتتە مەركەزنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى، سۈرىتى، سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى، بارماق ئىزى، د ن ئا ئانالىزلىرى قاتارلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئىز قوغلاپ تۇتۇش، ئېنىقلاشنى كۈچەيتىۋاتىمىز " دېگەن.

ب ب س نىڭ 4 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ 718 كىشىنى رەسمىي قولغا ئالغاندىن باشقا، 3 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ بېكىتىلگەن يەنە 83 ئادەم ئۈستىدىن رەسمىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلىرىغا نىسبەتەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ گۇمان بىلەن قارىماقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر ۋەقەدىن كېيىن 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.