خىتاي مىڭلىغان رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى' بۈگۈن، خىتايدىكى مىڭدىن ئارتۇق رادىئو، فىلىم، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەممىسى، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي يېڭىدىن تەسىس قىلغان دۆلەت رادىئو، فىلىم، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىغان بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

بۇ يېڭى ئورگاننىڭ باشلىقى تاۋ شىمىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىنتېرنېت ۋە كۆچمە تېلېفون شىركەتلىرىگىچە كېڭەيتىلىدىكەن، ۋىدىئولارنى ئىنتېرنېتكە، كۆچمە تېلېفونلارغا قويۇشنىمۇ بۇ ئورگان باشقۇرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى شىركەت ئۈچۈن 80 مىليارد يۇەن ئاجراتقان. ئەمما، كوممۇنىست پارتىيە بىۋاستە ئىدارە قىلىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۇنىڭ ئاڭلاتقۇچى، مۇخبىرلىرىنىڭمۇ بۇ يېڭى ئورگاننىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولۇش - بولماسلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.