بېيجىڭدىكى قانۇن پروفېسسورلىرى ئەدلىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2013.01.17
دوكلاتتا، خىتايدىكى قانۇن-ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئۆتكەن 4 يىلدا بىر قىسىم تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخى نۇرغۇن نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىپ ياتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتىدا، ئەدلىيە سىستېمىسىدا تۈپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاچقۇچىنى-ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيە ۋە پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىش، پارتىيىنىڭ ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتكەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتىدا خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، بۇ تۈزۈمنىڭ جايلاردا ئەرزدارلارغا زەربە بېرىدىغان، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تۈزۈمنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتايدا يېڭى رەھبەر ئالمىشىش مەزگىلىدە خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدىغان ئاۋازلار كۈچەيدى. ئىسلاھات تەرەپدارلىرى يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بۇ مەزگىلنى خىتاينىڭ تەقدىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە ھەل قىلغۇچ بىر پەيت، دەپ قارىماقتا.