شى جىنپىڭ ۋە سەي يىڭۋېن ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقچى

تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى سەي يېڭۋېن مۇشۇ ئاينىڭ 13 ‏ - كۈنىدىن 16 ‏ - كۈنىگىچە ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقچى. خىتاي مۇاۋىن پرېزىدېنتى شى جىنپىڭمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنىدىن 17 ‏ - كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنى توكيودىكى ئاخبارات كلۇبىدا خى جىنپىڭغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى، يىغىندا شى جىڭپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن دېموكىراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى سەي يىڭۋېنننىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ " سەي يىڭۋېنغا ئوخشاش تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ جوڭگۇ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل ۋە قاتتىق قارشى تۇرىمىز دېگەن.

ئۆتكەن قېتىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان چېغىدىمۇ خىتاي قاتتىق قارشى تۇرغان ؛ ھەتتا ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىق ئىپادىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت