خىتايدىكى كۆكتاتچىلار يېسىۋىلەكلىرىنى يېڭى كۆرسىتىش ئۈچۈن فورمالىن ئىشلەتكەن

خىتايدىكى بىر قىسىم يېسىۋىلەك ساتقۇچىلار يېسىۋىلەكلىرىنى يېڭى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىمىيىلىك ماددا فورمالىن ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ خىتايدا يېڭى بىر قېتىملىق يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى سەتچىلىكىنى پەيدا قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.05.07

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېسىۋىلەككە فورمالىن ئىشلەتكەن كۆكتاتچىلارنى شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭجۇ شەھىرىدە بايقىغان. ئەمما خەۋەردە بۇ خىل سودىگەرلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، بۇ خىل كۆكتاتلارنىڭ يەنە قايسى جايلارغا تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يېسىۋىلەككە فورمالىن ئىشلىتىش ئادىتى ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خاھىش ئىسسىق كۈنلەردە تېخىمۇ ئەۋجى ئالىدىكەن.

فورمالىن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇشقا بولمايدىغان خىمىيىلىك ماددا» دەپ چەكلەنگەن بولسىمۇ، بۇ خىل خىمىيىلىك ماددا ھەتتا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن.

ئەگەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى فورمالىن سۈيىگە چىلانسا يېڭى ۋە ئېسىل كۆرۈنىدىكەن.

خىتايدا 2007-يىلى سۈت مېلامىن قوشۇلغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 300 مىڭ بوۋاقنىڭ زەھەرلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.