خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە 'چېتىشلىق' دەپ قاراپ، يەنە 319 ئادەمنى قولغا ئالدى

ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى يەنە 319 ئادەمنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە باغلاپ قولغا ئالغان. خىتاينىڭ شىنخۇئا تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنى ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇم قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.08.02

بۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى كەڭ كۆلەمدە" قوغلاپ تۇتۇش" ھەرىكىتى باشلىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى رەسمىي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن بولۇپ، تېخى 29 - ئىيۇل كۈنىلا 253 ئادەمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك يەنە 15 ئادەمنى تۇتۇش ھەققىدە ئېلان چىقارغان ئىدى.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جەمئىيەتتىن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولغان گۇماندارلارنى ئاشكارىلاش، تۇتۇشقا ياردەملىشىش ھەمدە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ نۆۋەتتە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەمدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قولغا ئېلىشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

شىنخۇئا تورىنىڭ بۈگۈنكى مەزكۇر خەۋىرىدە قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 7 - ئىيۇل كۈنى قوللىرىغا كالتەك - توقماق، پىچاق قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.