خىتاي ھۆكۈمىتى «مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىك نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلدى
2012.04.10
ئۇقتۇرۇشتا مەكتەپلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى توشۇشتا رىئايە قىلىنىشقا تېگىشلىك قائىدە-نىزاملار ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى دائىرىسىگە يەسلى بالىلىرىنى توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ قازاغا ئۇچراش قېتىم سانى بارغانچە كۆپەيگەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە گەنسۇدا يۈز بەرگەن بالىلار باغچىسى ئاپتوموبىلى ۋەقەسىدە يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان 9 كىشىلىك مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا 64 ئادەم ئادەم قاچىلانغىنى ئۈچۈن 18 نارەسىدە، 2 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىقىپ، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نارازىلىق كۈچىيىپ، بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى.
خىتايدا چىقىدىغان «جەنۇب گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان خىتايدىكى مەكتەپلەر ئاپتوموبىللىرى تەكشۈرۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان ئۆلچەمسىز ئاپتوموبىللار بايقالغان.