خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 2010-يىلى خىتايدا 68 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئەيدىز كېسىلى كۆپىيىشكە باشلىغان.
خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، جىنسى مۇلازىمەت قىلىش شۇنداقلا يېزىلاردىكى قان سېتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق ئارىسىغا تارقالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىدا خىتايدا تەخمىنەن 740 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلار سانى 140 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىر قەدەر كەڭ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ھەم ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار سانى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.