بۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئەتراپتىكى 10 مەھەللىدە 29 ئادەم يارىلانغان، مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆيلىرى زەخمىلەنگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش تارماقلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلا ھازىر بۇ ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرىۋاتىدۇ. ھازىر بېيجىڭ - جۇخەي يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ بىر يۈنىلىشدە يىنىك ئاپتوموبىللار قاتناۋاتىدۇ.