خەلقئارالىق مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى

خەلقئارالىق مۇخبىرلار تەشكىلاتى 31 - يانۋار كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ 2009 - يىلى خىتاي ئاخبارات ساھەسى ۋە چەتئەللەرنىڭ ھەمدە خوڭكوڭ، ماكاۋ قاتارلىق رايونلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچۇر - خەۋەر تارقىتىش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى شۇنىڭدەك ئىنتېرنېتنى قامال قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدىن تارتىپ 11 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كونكرېت ۋەقەلەرگە قارىتا 62 خەۋەر بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ھەم مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چەكلىمە قويىدىغان كۆپ ساندا بەلگىلىمىلىرى چىقىرىلغان.

مەزكۇر چەكلەش ۋە چەكلىمە قويۇش بۇيرۇقلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش، بوۋاقلارنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، پارتلاش ۋەقەلىرى شۇنىڭدەك يەنە ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، سوتلاش ھەم باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ تۈرلۈك جىسمانىي زەربىلەرگە ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپلىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھازىر 100 گە يېقىن مۇخبىر ۋە يازغۇچى تۈرمىدە ئىكەن.

ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇر مۇھەممەد ياسىن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن 10 يىل مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنداقلا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم ئىنتېرنېت تور باشقۇرغۇچىلىرى تۈرمىگە تاشلانغان.