خىتايدا دېھقانلار خىمىيە زاۋۇتىنىڭ كېڭىيىشىگە قارشىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار جۈمە كۈنى نامايىش قىلىپ ئۆز رايونىدىكى بىرى خىمىيە زاۋۇتىنىڭ كېڭىيىشىگە قارشىلىق بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-10-27
Share

نامايىش نىڭبو شەھىرى جېنخەي رايونىدا يۈز بەرگەن. دائىرىلەر نامايىشچىلارنىڭ «ئىنتايىن ئاز بىر ئۇچۇم كىشىلەر» ئىكەنلىكنى، ئۇلارنىڭ جۈمە كۈنى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا تاش-تۇپراق ياغدۇرۇپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى نامايىشچى ئامما غەرب مەتبۇئاتلىرىغا بۇ قېتىم نامايىش قىلغانلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن گاز ئاقتۇرۇش بومبىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن نامايىشىنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر بىرقىسىم نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نامايىشنى شەنبە كۈنى ئاران بېسىقتۇرغان.

يېقىنى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپەيگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.